Episode 5: [5].آهنگانجیلپنجپالوچی - a podcast by Tze-John Liu

from 2020-02-29T02:56:19

:: ::

 //[5].پنځه د پلوشي انجیل سندره /Five Uyghur⁩ Gospel Songs.mp3كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى1قېرىنداشلار، ئىلگىرى مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن، سىلەرمۇ قوبۇل قىلىپ ئېتىقادىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان خۇش خەۋەرنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. 2مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇدانىڭ بۇ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرساڭلار، ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىسىلەر. ئۇنداق بولمىغاندا، بىھۇدە ئېتىقاد قىلغان بولىسىلەر.3-4مەن قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇھىم تەلىمنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. بۇ تەلىم شۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن يېزىلغىنىدەك، ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ دەپنە قىلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا ئۆلۈمدىن تىرىلىپ، 5ئاۋۋال پېترۇسقا، ئاندىن كېيىن ئون ئىككى ئەلچىنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغىمۇ كۆرۈندى. 6كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى. بۇ قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكى تېخى ھايات. 7-8ئەيسا مەسىھ كېيىن ئىنىسى ياقۇپقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئەلچىلەرگە، ئەڭ ئاخىرىدا خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك كۆرۈمسىز بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. 9مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئەلچىمەن ھەمدە خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن. 10لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم. 11دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا ئەلچىلەر بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.

Further episodes of ====(

Further podcasts by Tze-John Liu

Website of Tze-John Liu